ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ
2006.04.28
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدىكى ئامېرىكا تۇتقۇنلار لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي، پەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "گۇەنتانامودىكى ھەر قانداق بىر تۇتقۇننى قايتۇرۇش شەرتى ئۇنىڭغا خەۋپ يەتمەيدىغان بولۇشى ۋە قايتۇرۇلغان دۆلەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بۇ يەردىكى تۇتقۇنلار قايتۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە تېرورىزىم بىلەن شۇغۇللۇنىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
ئادام ئەرەلىي ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، "ئۇيغۇرلار قەيەرگە قايتۇرۇش مەسىلىدە، ئۇلار جۇڭگوغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى ئەندىشە يارىتىۋاتىدۇ،" دېدى.
ئادام ئەرەلىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان 3 - بىر دۆلەت تېپىشكە تىرىشماقتا. ئۇ، ئەگەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - بىر دۆلەت چىقمىسا ئامېرىكىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغان بىر مۇخبىرغا "بىز ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 3- بىر دۆلەت ئۈستىدە جىددى ئىزدىنىۋاتىمىز،" دەيدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، رەئىس خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى جوڭگو قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى "تېررورچىلار"، دەپ ئاتىغان ئىدى.
خىتايدا "تېررورچى" دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى 10 - ئايدا پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن سىياسى مۇساپىر ئىسمائىل سەمەتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىدىن ھازىرغىچە ۋاز كەچمىدى
- گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا
- ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار
- گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى