ئۆزبېكىستان ئۇچۇر تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈزبېكستاندىكى ئىنتېرپول يەنى خەلقئارا ساقچى ئورگىنى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۆزبېكىستان ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنتېرپولنىڭ ئۈزبېكىستاندىكى باش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ناۋفال خالماتوۋ "بىرنىڭ قولىمىزدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بەزى ئۇچۇرلاردا قەشقەرلىك كانادا پۇقراسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئىمام دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ھۈسەنجان جېلىل دەل 1955 - يىلى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، تۈركىيە پۇقراسى گۈلەر دىلاۋەر دېگەن كىملىك بىلەن يۈرگەن كىشى.
ئۇ يەنە قىرغىزىستان قانۇن تارماقلىرى تەرىپىدىن 1968 - يىلى تۇغۇلغان ھۈسەييىن جېلىل، 1969 - يىلى تۇغۇلغان ھۈسەيىنجان جېلىل، 1970 - يىلى تۇغۇلغان ھۈسەن سىددىكوۋىچ دېگەن ئوخشىمىغان كىملىك ئاستىدا يۇشۇرۇنۇپ كەلگەن تېررورچى گۇرۇپ ئەزاسى، ئادەم گۈرۆگە ئېلىش ۋە قانۇنسىز قورال -ياراق ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، شۇنداقلا يەنە، قىرغىزىستاندا 2000 - يىلى 28 - مارت كۈنى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قارشى تېررورچىلىق ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئېنىقلانغان كىشى" دەپ بايان قىلغان. (ۋەلى)