ئىسمائىل تىلىۋالدى"3 خىل كۈچكە زەربە بېرىش " سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى 15 ‏- يانۋار كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 ‏- قېتىملىق يىغىنىدا، مەخسۇس دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش "تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش" دېگەندەك 3 خىل كۈچكە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى قايتىلاپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسمائىل تىلىۋالدى سۆزىدە، ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈئەن دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلاپ، " كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش - دېگەن پرىنسىپ بويىچە، مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتونوم رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش 3 خىل كۈچكە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان. كۆپلىگەن ئانالىزچىلار، " خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىغە بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتمەكتە" دەپ كۆرسەتمەكتە. (مېھرىبان)