ئىلى دەريا ۋادىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە غۇلجا، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە نىلقا ناھىيىلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، 3 كىشى قازا قىلدى ھەمدە ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان خەلق 18 مىڭدىن ئاشتى.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ كەلكۈن ئاپىتى، ئىلى دەريا ۋادىسىدا 14- ئىيون كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تاغلاردىن لاي-لاتقىلارنىڭ سېرىلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى غۇلجا ناھىيىسىدىن قالغان ئىككىسى بولسا توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ تاشتۆپە يېزىسىدىن ئىكەن. لېكىن خەۋەردە ئۇلارنىڭ مىللىتى بېرىلمىگەن.
ھازىرغىچە ئاپەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 217 مىڭغا يېقىنلاشقان. شۇنداقلا 1400 گېكتارغا يېقىن دېھقانچىلىق مەيدانى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچراپ، مىڭدىن ئوشۇق چارۋا مال ئۆلگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن، قۇم بورىنى قاتارلىق ئاپەتلەر بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلگەن بولۇپ، مۇتەخەسسسىلەر بۇنىڭ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە دۇنيا ئىقلىمىنىڭ ئىسسىشى قاتارلىقلىق ئېكىلوگىيىلىك ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (پەرىدە)