ج خ نازارىتى ئۈرۈمچىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھەربىي مانېۋىر ئۈرۈمچىنىڭ كازىۋەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يېرىم سائەتچە داۋاملاشقان مانېۋىردا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ تاشيول ئەترىتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تېررورچىلارنىڭ ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قوزغىشىنى توسۇشنى مەشىق قىلغان.

ئۇلار "تېررورچىلار" نىڭ خىمىيىلىك ماددا قاچىلانغان ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە بومبا قاچىلانغان ماشىنىنى ھەيدىگەن " تېررورچىلار" غا زەربە بېرىشنى مانېۋىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلغان. ساقچىلار يەنە يىراقتىن "تېررورچىلار" نى ئېتىش مەشىنى ئېلىپ بارغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تېررورچىلىققا قارشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ يۇڭشىن بۇنىڭ ئالدىدىلا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىدىن كېلىدىغان تېررورلۇق تەھدىدىگە دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېيتىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلالمايۋاتىدۇ.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، تىنچلىق بىلەن ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. (ئارزۇ)