ئادىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى: لاگېرلار تۈرمىگە ۋە يوشۇرۇن تەقىپكە ئۆزگەرگەن

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ 2020-يىلى لاگېرلارغا ئائىت بارلىق ھۆججەتلەرنى يوقىتىش ھەققىدە مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جىنايەت دەلىللىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

16-ئاپرىل، ”تاشقى سىياسەت“ (Foreign Policy) ژۇرنىلىدا تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا ئائىت مۇھىم بىر دوكلاتى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر دوكلات سابىق خىتاي ساقچىسى جاڭ يابونىڭ بىرىنجى قول گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ئاساسلانغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى تەقىبلەش مېخانىزمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلىقى، ئەكسىچە تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە سىستېمىلىق شەكىلگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

گۇۋاھچىنىڭ ئېيتىشىچە، 2023-يىلىنىڭ بېشىدا يەرلىك دائىرىلەرگە «قىسقا مۇددەتلىك تۇتقۇن قىلىش» نورمىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۆيىدە چېنىقىش سايمانلىرى ساقلاش ياكى بايرىق چىقىرىشقا قاتناشماسلىق قاتارلىق ئاددىي سەۋەبلەر بىلەن 15 كۈنلۈك قاماققا ئېلىنىپ، قورقۇتۇش ئوبيېكتى قىلىنغان. جاڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپى كېيىنچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۈرمىگە تاشلانغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ 2020-يىلى لاگېرلارغا ئائىت بارلىق ھۆججەتلەرنى يوقىتىش ھەققىدە مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جىنايەت دەلىللىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. جاڭ يابو ئۆزى شاھىت بولغان قىيناش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جەريانلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

بۇ ئەھۋاللار شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرىغا قويغان «يوشۇرۇن خەتەرلەرگە زەربە بېرىش» چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە قاتتىق بىر باستۇرۇش سىياسىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.