ئۇيغۇر-تىبەت-موڭغۇل ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدۇ

28-ماي كۈنى كەچ سائەت 6 دە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە تىبەت مىللىي مارشى ئوقۇلۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر-تىبەت-موڭغۇل ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى نيۇيورك مانخاتتاننىڭ راندال ئارىلى باغچىسىدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 28-ماي كۈنى كەچ سائەت 6 دە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە تىبەت مىللىي مارشى ئوقۇلۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. ئەتىسى ئۇيغۇر كوماندىسى تىبەت پۇتبولچىلار جامائىتىنى زىيارەت قىلدۇرىدۇ، 30-ماي كۈنى كەچتە ئۇيغۇر-موڭغۇل ۋە موڭغۇل-تىبەت كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ ۋە ئاخبارات باياناتى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ئىلشات ئىسلام ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن بولۇپ ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مۇسابىقىگە ھازىرلىنىپتۇ. كۆپىنچىسى ئوخشىمىغان يەرلىك پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ ئويناپ كېلىۋاتقان بۇ ماھىرلار، 26-ماي كۈنى نيۇيوركقا يېتىپ كېلىپ ئىككى كۈنلۈك مەشىقتىن كېيىن رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىم ئۇيغۇر كوماندا ئەزالىرى ئىچىدە، سىنگاپوردىكى گېيلاڭ كوماندىسىنىڭ توپچىسى، نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇر پۇتبولچىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىممۇ بار ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال كوماندىسى بىلەن تىبەت كوماندىسى ئۆتكەن يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن كۆنىفا پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ ئوينىغان، ئۇيغۇر كوماندىسى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن تىبەت كوماندىسىنى يەنگەن ئىدى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيىتى بولۇشتىن سىرت، دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ سەمىگە سېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىلشات ئىسلام ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۆزلىرىنى قوللاشقا ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشنى ھېيتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

ئىلشات ئىسلام مۇسابىقىنىڭ چىقىملىرىنىڭ خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانىلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەل بولغانلىقى، قالغان قىسمىغا ئەل-جامائەتتىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.