ئىستانبۇلدا بۇ ئاينىڭ 11- ۋە 12-كۈنلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يەتتىنچى قارارلىق كۇرس بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
بۇ قارارلىق كۇرسقا تونۇلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى تەكلىپ قىلىنىپ، خەلقارا ۋەزىيەت، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي ھەم ئاخباراتچىلىق ھاياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. كۇرسقا يەنە دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى، دوكتور مەغپىرەت كامال قاتارلىق ھەيئەت ئەزالىرى قاتنىشىپ، ياشلارغا قارىتا تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى سۇندى. كۇرس ئاكادېمىيە ۋەخپى باشلىقى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ خۇلاسە سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتى.
