«شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل 25-يانۋار كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ۋالىيسى، سىياسىي كېڭەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۈركىيە كىنو-فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىدا، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ قانۇنغا كونكرېت قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى بايان قىلىنمىغان ئىدى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئىلگىرى يەكەن ۋە مەكىت ناھىيەلىرىدە، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە تۈركىيە كىنو-فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكىنىڭ پاش بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە تۈرمە ۋە لاگېردا جازا ئۆتەۋاتقانلاردىن بىرىنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشلەردە مەسىلە تاپشۇرۇش داۋامىدا، ئەمەلدار ئەنۋەر تۇرسۇننىڭمۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بارلىقىنى ئىنكاس قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، 2025-يىلى يەكەن تۈرمىسىدىكى بىر سوراقتا ئوتتۇرىغا چۈشكەن بۇ ئىنكاس دائىرىلەرنىڭ ئەنۋەر تۇرسۇنغا گۇمان بىلەن قارىشىغا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولغان.
بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇن 1971-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1992-يىلى خىزمەتكە چۈشكەن، 1998-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. بۇ يىل 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر يەكەن ۋە مارالبېشى ناھىيەلىرىدە ھاكىم، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدە مۇئاۋىن ۋالىي ۋە ئاخىرىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. يەكەندە ھاكىم بولۇشتىن ئىلگىرى ئېلىشقۇ قاتارلىق بىر قانچە يېزا-بازاردا يېزا ۋە بازار باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ يېزا-بازارلاردا ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپچانلىقى بىلەن يۇقىرى ئورگانلارنىڭ تاللاپ ئۆستۈرۈشىگە ئېرىشكەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ دەسلەپتە ئۆزىنى «تۈركىيە فىلىملىرىنى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆرگەن» دەپ ئاقلىغان.
دائىرىلەر ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئاكتىپچانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2025-يىلى ئۇنى مۇئاۋىن ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت بىر قورچاق ئورگانغا يۆتكەپ مەنسىپىنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، تۇتقۇن قىلمىغان. مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ يەنە پاش قىلىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاش داۋامىدا ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ تۈركىيەنىڭ قىسىملىق فىلىملىرىنى 70 سائەت ئەتراپىدا كۆرگەنلىكىنى بايقىغان ۋە بۇنى «خىزمەت ئېھتىياجى ئەمەس، بەلكى تۈركىيەگە ھەۋەس قىلىش ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن باغلىنىش» دەپ بېكىتكەن.
مەزكۇر ساقچى خادىمى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ تۈركىيەنىڭ قايسى فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ھاياتى بويى كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى بىر تۈرك فىلىمىنى كۆرگەنلىكتەك «خاتالىقى» ئالدىدا قىلچە تارازا باسالمىغان ۋە ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان.
