قەشقەردىكى مەكتەپلەر مەيخانا كوچىسىنى تاقاشنى پىكىر قىلدى


2007-08-21
Share

قەشقەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەردە مەيخانا ، دېسكوخانا ، كېچىلىك بەزمىخانا دېگەنگە ئوخشاش ھاراق- شاراپ ساتىدىغان، كەيىپ- ساپا قىلىدىغان سورۇنلار بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ ، بۇ مەيخانا ھەم بەزمىخانىلار ئاساسەن قەشقەرنىڭ(تۈمەن يولى ) ئەتراپىغا جايلاشقان ئىكەن. شۇنداقلا بۇلار ئۈچ تۆت يىل بۇرۇن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، چوڭ كىچىك يىگىرمىدىن ئوشۇق كەيىپ- ساپا سورۇنلىرى مۇشۇ بىر كوچىغا جايلاشقان شۇڭا بۇ يول ھازىر مەيخانا يولى بولۇپ قالغان. بۇ مەيخانىلار ئاساسەن كېچىچە تىجارەت قىلىدىكەن.

قەشقەر يەرلىك ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ،بۇ مەيخانىلارنىڭ بېزىلىشى شۇنداق كاتتا ۋە چىرايلىق بولۇپ ، ئىچىدە تېخى ئايرىم خانىلارمۇ باركەن. بۇ بەزمىخانىلارغا كىرىپ پۇل خەجلەيدىغانلار ئاساسەن ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ ، مەزكۇر مەيخانا يولى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا يېقىن بولغاچقا ،بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەرلەرنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى ئىكەن .

ئىگىلىشىمىزچە قەشقەر شەھەر ئىچىدە خىتايلار ئاچقان مەيخانا ھەمدە ھەر خىل كەيىپ -ساپا سورۇنلاردىن باشقا يەنە مۇشۇ بىر ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشىدا مۇشۇنداق بەزمىخانىدىن 10 نى قۇرۇلغان. قەشقەردىكى مەلۇم ئۇيغۇر دېسكوخانىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە ، شەھەردىكى بەزمىخانىلارنىڭ كىرىش بېلىتى 10 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ ، بەزمىخانا دېرىكتورلىرى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ، قىزلاردىن بېلەت ئالماسلىقتەك ئېتىۋار بېرىپ جەلىپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر كەيىپ ساپا ئورۇنلارنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرىغا كۆپلەپ ئايلىنىشى مەكتەپ ھەم ئاتا ئانىلاردا ئەندىشە ھەم نارازىلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، قەشقەردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسلىق خېرىدار قىلىۋالغان بۇ مەيخانا ھەم بەزمىخانىلارنىڭ بەزىلىرىدە ئىپپەت نومۇسىنى سېتىشتەك يامان ئىشلارمۇ مەۋجۇت ئىكەن. نۆۋەتتە ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپ رەھبەرلىرى قەشقەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىگە مەزكۇر مەيخانا كوچىسىنىڭ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان تەسىرلىرىنى پاش قىلغان ھەمدە مەكتەپ ئەتراپىدىكى مەيخانا بەزمىخانىلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.(گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت