قارىماي نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى


2005.04.27

گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، قارىماي نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خىزمەت ستاژىنى سېتىۋەتكەن ئىشچىلارنىڭ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

نامايىشقا چىققۇچىلارنىڭ% 80 ئى ئۇيغۇر، % 20 ئى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد خىتايلار ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى خىزمەت ستاژىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋەتكەندىن كېيىن، نۆۋەتتە تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش ئىشلىرىدا قىيىنىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن نامايىشقا چىققان بولۇپ، ئۇلار ھازىر بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە دوختۇرخانىدا داۋالىنىش قاتارلىق تۇرمۇش مەسىلىلىرىدە ئىقتىسادىي يېتىشمەسلىكتەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

نامايىشقا چىققان مىڭدىن ئوشۇق ئىشچىلارنىڭ سانى ھازىر نەچچە يۈزگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىر يەنىلا قارىماي نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پارتكوم ئىشخانىسى ئالدىدا داۋاملىق تىنچ قارشىلىق بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ئورۇندىن خىزمەتچىلەرنىڭ ستاژىنى سېتىشىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىشىنى ھەمدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق قارىماي نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى تاڭ جيەن، ئىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە يەنە، قارىمايدىكى بىخەتەرلىك ئىدارىسى، بۇ نامايىشقا باشچىلىق قىلغان چۈن فالىڭ ئىسىملىك تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغان. نۆۋەتتە نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن بۇ كىشىنى قويۇپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. نامايىشچىلارنىڭ مەزكۇر ئاگېنتلىققا بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ستاژىنى سېتىۋالغاندا ھەر يىلىغا 4 مىڭ يۇەندىن بەرگەن، ئەمما خىتاينىڭ داچىڭ نېفىتلىكىدە بولسا ئىشچىلارنىڭ ستاژىنى يىلىغا 10 مىڭ يۇەندىن سېتىۋالغان ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.