ئونسۇ ناھىيىسىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئۇيغۇر رايونى خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن بىرى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ توخۇلا يېزىسى ئەتراپىدا ئېغىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە بەش ئادەم قازا تاپقان.

خەۋەرگە قارىغاندا، شوپۇرنى قوشقاندا بەش كىشى ئولتۇرغان بۇ كىچىك ماشىنا دەريا كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش جەريانىدا نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېگىزلىكى 20 مېتىر كېلىدىغان ئازگالغا جايلاشقان دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن.

بىلدۈرۈشلەرگە قارىغاندا ۋەقە يۈز بېرىپ، خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ماشىنىنى سۇدىن سۆرەپ چىققاندا، ئۇنىڭدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان قازا قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە شوپۇرنىڭ ماشىنىنى ھاراق ئىچىپ، تېز سۈرەتتە ھەيدىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماشىنىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قاتناش ئىشلىرىدا ئاسانلىقلار پەيدا بولغان. بىراق، پارىخورلۇق ۋە ئارقا ئىشىكنىڭ يامرىشى بىلەن شوپۇرلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرمۇ تۆۋەنلەپ كېتىش تۈپەيلىدىن ۋەقە-ھادىسىلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)