ئارفىيە ئېلى «دۇنياۋى ئالاھىدە ياش رەھبەرلەر» قاتارىغا تاللاندى
ئۇيغۇر پەرزەنتى، ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېلى شىۋېتسارىيەدىكى دۇنياۋى ياش رەھبەرلەر مۇنبىرى (Young Global Leaders) تەرىپىدىن 2026-يىللىق دۇنياۋى ئالاھىدە ياش رەھبەرلەر قاتارىغا تاللاندى.
مەزكۇر مۇنبەر مەشھۇر داۋوس يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى Economic Forum) (World تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سەنئەت ۋە سودا-كارخانا ساھەسىدىكى يېشى 40 تىن تۆۋەن بولغان، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ياش رەھبەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ. مەزكۇر مۇنبەر بۇ يىل ئارفىيە ئېلى بىلەن بىلەن 118 نەپەر دۇنياۋى ياش رەھبەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئارفىيە ئېلى بۈگۈن ئۆزىنىڭ X سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تاللىنىشنى ئۆز ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە خىزمەتلىرىنى جانلاندۇرۇش پۇرسىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرەپكە ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولغان سايلىغۇچىلىرىغا، يەنى ياپونىيەنىڭ چىبا 5-رايونىدىكى ئاھالىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.
پائالىيەتچى ئابلىكىم ئىدرىس مالايسىيا چېگراسىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلدى
16-ئاپرېل كۈنى «ئەركىنلىك سارىيى» تەشكىلاتى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پائالىيەتچى ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنىڭ خىتاينىڭ قول تىقىشى بىلەن مالايسىيا چېگراسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلدى.
سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 29-كۈنى مالايسىياغا پائالىيەت ئۈچۈن كەلگەن ئابدۇلھېكىم ئىدرىس چېگرادا توسۇۋېلىنىپ، پاسپورتى تارتىۋېلىنغان. دەسلەپتە پۇقراچە كىيىنگەن، قارا كۆزەينەك تاقىغان، كىملىكى ئېنىقسىز بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان. ئارقىدىن ئۇ ئايرودرومنىڭ كۆچمەنلەر قاماقخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، 20 نەچچە تۇتقۇن بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇ ئايرودرومدا جەمئىي 22 سائەت قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈرك ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا قايتۇرۇۋېتىلگەن. بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا تۇتقۇن قىلىنىش ۋە چېگرادىن چىقىرىۋېتىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالايسىيادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئەھۋالغا ئارىلىشىشىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن. 72 سائەتلىك ۋاقتى ئورۇنسىز سەپەر ۋە تۇتقۇندا ئۆتكەن ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، بۇ قېتىمقى توسالغۇدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى مالايسىيادا ئۇنى كۈتكەن ۋە كۆرۈشەلمىگەن مالايسىيالىق سەپداشلىرىدىن ئۇققان.
ئۇنىڭ سۆھبەت جەريانىدا زىيارەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ھىندونېزىيە سەپىرىدىمۇ ئىككى قېتىم مۇشۇنداق توسالغۇغا يولۇققان، ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چېگرادىن كىرەلىگەن ۋە پىلانلىغان پائالىيىتىنى نورمال داۋاملاشتۇرغان. ئۇ يەنە سۆھبەتتە خوتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن 22 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى، دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن يەتتە ئاي كېيىن خەۋەر تاپقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.
بۇ چاغدا زىيارەتچى ئابدۇلھېكىم ئىدرىستىن: «بۇ بېسىملارنىڭ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيىتىڭىزگە قانداق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن؟» دەپ سورىغان. ئۇ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىق ۋە خەتەر چوڭ بولسىمۇ، مەزلۇم خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەيدانىدا تەۋرىنىش بولمىغانلىقىنى، ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا يېتىۋاتقان مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ بۈگۈنكى دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىدىن رۇشەن ئابباس ۋە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى»دىن رىشات ئابباسلارنى تەكلىپ قىلىپ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. بۇلار يەنە 16-ئاپرېل كۈنى ئاقسارايغىمۇ تەكلىپ قىلىنىپ، يېقىنقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش زوراۋانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
قەشقەرنىڭ سابىق مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان
«شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل 25-يانۋار كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ۋالىيسى، سىياسىي كېڭەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ تۈركىيە كىنو-فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىدا، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ قانۇنغا كونكرېت قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى بايان قىلىنمىغان ئىدى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئىلگىرى يەكەن ۋە مەكىت ناھىيەلىرىدە، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە تۈركىيە كىنو-فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكىنىڭ پاش بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە تۈرمە ۋە لاگېردا جازا ئۆتەۋاتقانلاردىن بىرىنىڭ سىياسىي ئۆگىنىشلەردە مەسىلە تاپشۇرۇش داۋامىدا، ئەمەلدار ئەنۋەر تۇرسۇننىڭمۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بارلىقىنى ئىنكاس قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، 2025-يىلى يەكەن تۈرمىسىدىكى بىر سوراقتا ئوتتۇرىغا چۈشكەن بۇ ئىنكاس دائىرىلەرنىڭ ئەنۋەر تۇرسۇنغا گۇمان بىلەن قارىشىغا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ پېيىغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولغان.
بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇن 1971-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1992-يىلى خىزمەتكە چۈشكەن، 1998-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. بۇ يىل 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر يەكەن ۋە مارالبېشى ناھىيەلىرىدە ھاكىم، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدە مۇئاۋىن ۋالىي ۋە ئاخىرىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. يەكەندە ھاكىم بولۇشتىن ئىلگىرى ئېلىشقۇ قاتارلىق بىر قانچە يېزا-بازاردا يېزا ۋە بازار باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ يېزا-بازارلاردا ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپچانلىقى بىلەن يۇقىرى ئورگانلارنىڭ تاللاپ ئۆستۈرۈشىگە ئېرىشكەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ دەسلەپتە ئۆزىنى «تۈركىيە فىلىملىرىنى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆرگەن» دەپ ئاقلىغان.
دائىرىلەر ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئاكتىپچانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2025-يىلى ئۇنى مۇئاۋىن ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت بىر قورچاق ئورگانغا يۆتكەپ مەنسىپىنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، تۇتقۇن قىلمىغان. مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ يەنە پاش قىلىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاش داۋامىدا ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ تۈركىيەنىڭ قىسىملىق فىلىملىرىنى 70 سائەت ئەتراپىدا كۆرگەنلىكىنى بايقىغان ۋە بۇنى «خىزمەت ئېھتىياجى ئەمەس، بەلكى تۈركىيەگە ھەۋەس قىلىش ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن باغلىنىش» دەپ بېكىتكەن.
مەزكۇر ساقچى خادىمى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ تۈركىيەنىڭ قايسى فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ھاياتى بويى كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى بىر تۈرك فىلىمىنى كۆرگەنلىكتەك «خاتالىقى» ئالدىدا قىلچە تارازا باسالمىغان ۋە ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان.
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى
ئىستانبۇلدا بۇ ئاينىڭ 11- ۋە 12-كۈنلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يەتتىنچى قارارلىق كۇرس بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
بۇ قارارلىق كۇرسقا تونۇلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى تەكلىپ قىلىنىپ، خەلقارا ۋەزىيەت، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي ھەم ئاخباراتچىلىق ھاياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. كۇرسقا يەنە دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى، دوكتور مەغپىرەت كامال قاتارلىق ھەيئەت ئەزالىرى قاتنىشىپ، ياشلارغا قارىتا تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى سۇندى. كۇرس ئاكادېمىيە ۋەقفى باشلىقى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ خۇلاسە سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى شىۋېتسىيەدە جەم بولدى
9-ئاپرىلدىن 12-ئاپرىلغىچە، ستوكھولمدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئۇچرىشىشى» نامىدا ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ فوندى، بىلگىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، تۈركىيەدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش جەمئىيىتى ۋە NBV قاتارلىق تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇغان بولۇپ، پائالىيەتكە گوللاندىيە، بىلگىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ كۆپ ساندا ياشلار قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق نىشانى — ياش ئەۋلادلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولۇپ، پىروگرامما جەريانىدا سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە لوبىچىلىق، رەقەملىك تېخنىكا ۋە ھەق-ھوقۇق قوغداش، كوللېكتىپ ئىقتىدار ۋە رەھبەرلىك، ئەۋلادلار ئارا دىيالوگ قاتارلىق تېمىلار بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى.
شىۋېتسىيەدە تاشلانغان بۇ قەدەم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ياشلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە كەسپىي ئەقىل-پاراسىتى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەت قاتناشچىلىرى ياشلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە رەقەملىك ساھەلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك كەسپىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ تارىخىي ئۇچرىشىش ياشلارنىڭ ئۆزئارا تۇنۇشۇشى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى بىلەن خۇلاسىلەندى.
تەتقىقاتچى جېن بۇنىن ب د ت نى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كۆرسەتمىسى ئېلان قىلدى
5-ئاپرىل، تەتقىقاتچى، ”شاھىت بىز“ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى جېن بۇنىن ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە ”ب د ت نىڭ مەخسۇس تەرتىپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش“ دېگەن ماۋزۇلۇق بىر كۆرسەتمىنى ئېلان قىلدى.
”كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قورالى“ دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كۆرسەتمە ئۇيغۇر شاھىدلارياكى پاكىت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىس ۋە گورۇپپىلارغا ماتېرىيال ئەۋەتىشىگە يول كۆرسىتىش مەقسەت قىلىىپ تەييارلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى رەڭدار، ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ لايىھىلەنگەن.
بۇ كۆرسەتمە ب د ت نىڭ مەخسۇس تەرتىپلىرى دېگەن نېمە؟ ئالاقىنامىلەر دېگەن نېمە، ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ ماتېرىياللارنى قانداق ئۈنۈملۈك تاپشۇرۇش كېرەك؟ مەخسۇس تەرتىپلەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؟ مەخسۇس تەرتىپ ھەرىكەتلىرىگە ئېرىشىش ۋە ئۇلارنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش، بىخەتەرلىك ۋە ئۆچ ئېلىشلار قاتارلىق ئالتە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى قارمىقىدىكى مۇتەخەسىس ۋە گورۇپپىلارنى مەلۇمات بىلەن تەمنىلەشنىڭ ئەھمىيىتى، كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى ۋە ئېرىشىش ئېھتىمالى بولغان نەتىجە قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.
جېن بۇنىن بۇ كۆرسەتمىگە ئىزھات بىرىپ، ئۆزىنىڭ يېرىم يىل ئاۋۋال ب د ت دىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇلارغا ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك گورۇپپىلىرىنىڭ كۆپىنچە ئۇيغۇرلارغا نامەلۇم ئىكەنلىكىنى، ب د ت نىڭمۇ بۇ جەھەتتە يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئاشۇ گورۇپپىلارنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
جېن بۇنىن 2018-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانلىق ئامبىرى بولغان ”شاھىت بىز“ تورىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخنىكىىلىق نازارەت سىستېمىسى خەلقئارادا ئەندىشە قوزغىماقتا
يېقىندا، ”سىياسەتلەرنىڭ تەسىرى“Impact Policies دېگەن خەلقئارالىق تەتقىقات ئورگىنى ”خىتاينىڭ نازارەت ئىمپېرىيەسى: ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكا قارشىلىقىنى كۈچەيتمەكتە“ ماۋزۇلۇق يېڭى ئانالىز دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان سۈنئىي ئىدراكلىق نازارەت سىستېمىسى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مىسلىسىز تېخنىكا قارشىلىقى ۋە سىياسىي ئېمبارگولارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەيكاڭۋېيشى Hikvision ۋە داخۇا Dahua قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى، دىنىي ئادەتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى«رەقەملىك تۈرمە» ئىچىدە قاتتىق كونترول قىلغان. بولۇپمۇ ”بىرگەۋدىلەشكەن جەڭ سۇپىسى“ (IJOP) غا ئوخشاش سىستېمىلار كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، تۇتقۇن قىلىش جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرغان.
بېيجىڭ مۇشۇ يىلى ماقۇللانغان يېڭى قانۇن ۋە «تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى» بەلگىلىمىلىرى ئارقىلىق، بۇ باستۇرۇش سىستېمىسىنى تېخىمۇ قانۇنىيلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەردىن قوغداشقا تىرىشقان. ھالبۇكى، بۇ خىل «مۇستەبىتلىك تېخنىكىسى»نىڭ «رەقەملىك يىپەك يولى» ئارقىلىق دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنىشى غەرب ئەللىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بازاردىن سىقىپ چىقىرىش ھەرىكىنى تېزلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بلەكروك BlackRock ، ۋەنگارد Vanguardقاتارلىق دۇنياۋى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرى ئەخلاق ئۆلچىمى سەۋەبىدىن خىتاي شىركەتلىرىدىن مەبلەغلىرىنى قايتۇىۋېلىشقا باشلىغان.
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇم دۇنيا تېخنىكا ساھەسىدە ئىنسان ھەقلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېڭى بىر ئەخلاق تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا. نۆۋەتتە دۇنيا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى ھالقىلىق بىر تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە.
