خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە گىلەم تازىلاش ھەرىكىتى دەپ نام بەرگەن ۋە بۇ نام ئاستىدا 150 قېتىم ئاختۇرۇش ھەم تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ 500دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان. بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىك، دۆلەت بىخەتەرلىك، چېگرا مۇداپىئە قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ئېلىپ بارغان.
خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەردە ياشلار ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولۇپ كېتىش، ئۇرۇق - تۇغقان قېرىنداشلار ئارا خەۋەر ئالاقىسىز قېلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەرىكەتنى خىتاينىڭ 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا.
يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ خىل خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى سەۋەبلىك ۋەزىيەتنىڭ ئەمدىلا دۇنياغا ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدىن كېيىن، قەشقەر ساقچى ئىدارىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، قەشقەردە قوللىنىشقا بولىدىغان بارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ بولغانلىقىنى، قوللىنىدىغان چارە قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خەۋەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تەييارلىغان. دىلشات رېشىت خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.