ناچار ھاۋا كېلىماتى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مىۋىلىك دەرەخلەرگە ئېغىر زىيان سالدى
يېقىندا سىبىرىيىدىن كىرگەن سوغاق ئېقىم سەۋەبىدىن قەشقەر ۋىلايىتىمۇ ئېغىر بوران ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇدا نەچچە كۈن 6-7 بال بوران چىققان ھەتتا بەزى جايلاردا مۆلدۈر ياغقان. شۇ سەۋەبتىن بۇ رايونلاردىكى زىرائەتلەر ۋە مىۋىلىك دەرەخلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
شىنخۇا خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قاتتىق بوران قەشقەر ۋىلايىتىدە 167 مىڭ موغا يېقىن ئۈرۈك دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كەتكەن، 14 مىڭ تۈپتىن كۆپ مىۋىلىك دەرەخنى سۇندۇرغان ھەمدە 82 مىڭ موغا يېقىن بۇغداينى توڭلىتىپ قويغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بوران سەۋەبىدىن ئوت ئاپەتلىرىمۇ يۈز بېرىپ، 5 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتكەن ۋە بىر كىشى يارىلانغان.
قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھاۋا رايى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا تېمپىراتورىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى يەنە 2-3 كۈن داۋام قىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ساھەلىرى نۆۋەتتە جىددىي قوغدىلىشقا ئېھتىياجلىق بولماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۇرپان شەھىرى قۇم-بوران ئاپىىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
- خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ
- غەربىي دىيارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇھىت مەسىلىسى يىلدىن يىلغا ئېغىرلاشماقتىكەن
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇھىت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ