تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 2007 - يىلىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلى مىقياسىدا 1 مىليون 448 مىڭ 500 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى 79 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يەتكەن ھەمدە خەۋەردە شۇنىڭ بىلەن " دېھقانلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەشكىللىك، تۈركۈملەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم بۆسۈش" ھاسىل قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە يەنە، بۇندىن كېيىن ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئىشلىرى يەنە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ خىزمەتنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن.
ھالبۇكى، ھازىر يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، جەنۇبى ئۇيغۇر ئىلىنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش نامىدا تۈركۈملەپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇنى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن ئاساسەن قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت دەپ ئەسكەرتتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.