ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوغدىغۇچى كۆپەيتمەكچى
ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2007 - يىلى ئۈرۈمچى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئىككى يۈزگە يېقىن مەخسۇس قوغداش خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2006 – يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تەستىقى بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش باش ئەترىتى، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇشى ھەمدە ئامان ئىسەن كېلىپ كېتىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئامانلىق بەلگىلىمىسىنى بېكىتكەندىن باشقا، رەسمىي خىزمەت شىتاتى بىلەن يۈزدىن ئىككى يۈزگىچە ئامانلىق قوغداش خادىمنى مەكتەپلەرگە خىزمەتكە قوبۇل قىلماقچى ئىكەن.
بۇ ئامانلىق قوغداش خادىملىرى مەكتەپ دەرۋازىسىنى قوغداش، كىرگەن چىققانلارنى نازارەت قىلىش، كېچە كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىكەن. مائارىپ تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بىر كىشىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە مائارىپ تارماقلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بىرلىكتە مەكتەپلەرگە ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنى كۆپەيتىشىگە سەۋەب بولغان. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۈرۈمچىدە 2 ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە قىزىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن
- خىتايدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ دەرىجە تۇرغۇزۇش بىكار قىلىندى
- ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى 100 مىڭدەك ئوقۇغۇچىلار پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى