ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى، 7 ۋە 8 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى مەكىت، يەركەنت ناھىيىلىرىدە تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ سىياسەتنى قوش تىللىق ئوقۇتۇش، دەپ ئاتىغان نۇر بەكرى،" قوش تىللىق ئوقۇتۇش"نى ئاز سانلىق مىللەتلەر ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەيدۇ.
نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي كادىرلار ئىچىدە خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ رادىكال تەشەببۇسكارى، دەپ قارىلىدىغان ئۈنسۈر.
نۇر بەكرى بۇرۇن بىر يىغىندا، تۇڭگانلار خىتايچە سۆزلىسىمۇ، بىر مىللەت بولۇپ تۇرىۋاتمامدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. بۇ قېتىم نۇر بەكرىگە ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ۋە مالىيە نازارىتىدىكى ئەمەلدارلار ھەمرا بولۇپ باردى.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ناھىيىلەردە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئوخشىمىغان قاراشتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى چەتكە قاقمىسىمۇ،لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئەيىبلىمەكتە.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ سىياسەتنى ئاسسىمىلىياتسىيە پىلانىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، بۇ سىياسەت " بىز 100 يىلدىن بېرى كۈتۈۋاتقان ئىستراتېگىيە " دىگەن ئىدى. (ئەركىن)