خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى يېقىندا تۇرپاندا يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدە تارقىلىشىدىن كېيىن قامال قىلىش، يوقىتىش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش چارىلىرىنى قوللىنىپ، بۇ جايدىكى قۇش زۇكىمىنى تىزگىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئالاھىدە خەۋەر تارقىتىپ، نۆۋەتتە، تۇرپان تەۋەسىدە قۇش زۇكىمىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ لېكىن، كىشىلەر مەزكۇر جايدا قۇش زۇكىمىنىڭ تولۇق تىزگىنلەنگەنلىكىدىن گۇمان قىلىدىكەن.
تۇرپاندا قۇش زۇكامى بايقالغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى توخۇ ۋە بىر قىسىم ئۆي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. قۇش زۇكامى توخۇ قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىدا بولىدىغان خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، بۇ كېسەل ئادەمگىمۇ يۇقىدۇ. مەزكۇر كېسەل تۈپەيلىدىن خىتاي ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەلۇم ساندا ئادەم ئۆلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)