پوسكامدىكى قۇش زۇكىمى يۇقۇم رايونىنى كارانتىن قىلىش بىكار قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيىسى ئەنەنچۈي بازىرى يۇقۇم رايونىدىمۇ قامال قىلىش بىكار قىلىندى. شۇنداقلا ئۆي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلگەن باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگىمۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە تۆلەم پۇلى بېرىلىدىكەن.
بۇ يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيىسى ئەنەنچۈي بازىرىدا تېز يۇقۇدىغان قۇش زۇكىمىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى باقمىچىلىق رايونلىرى دەرھال كارانتېن ئاستىغا ئېلىپ ئۆي قۇشلىرى بازىرىنى تاقىغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىرغىچە بۇ يۇقۇم رايونىدىكى 320 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشىنى ئۆلتۈرۈپ بولدى.
قۇش زۇكىمى ئەھۋالى بۇ يىل 11-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، پوسكام، خوتەن، پىچان ۋە كۆنەس قاتارلىق جايلىرىدا بايقالدى. ھەمدە ئۈرۈمچى بىلەن پوسكامدىن باشقا رايونلار ھازىرغىچە كارانتىن قىلىنماقتا. كىشىنى ھەممىدىن ئەندىشىگە سالىدىغىنى قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىپ كېتىشى بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ كېسەلنىڭ ئادەملەردە بايقالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)