ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە بايقالغان قۇش زۇكىمى سەۋەبلىك ھازىرغىچە بۇ جايدا 17 مىڭ دانە ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلگەن.
يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ئۆلتۈرۈلگەن ئۆي قۇشلىرى ئاساسلىقى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بۇزاق يېزىسىدىكى توخۇ فېرمىلىرىنىڭ بولۇپ، ھازىر بۇ يەردىكى قۇش زۇكام ئەھۋالى دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلىۋېلىنغان. لېكىن خەۋەردە بۇنىڭ ئادەملەرگە يۇققان ياكى يۇقمىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن.
خوتەندىكى بۇ قۇش زۇكام تارقىلىش ئەھۋالى ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان بولۇپ، بۇزاق يېزىسىنىڭ تاشئېرىق دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر تۈركۈم ئۆي قۇشلىرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان. شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇ قۇشلارنىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىر قەدەر كۆپ تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇ يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان، داۋانچىڭ، كۆنەس، پوسكام قاتارلىق 9 جايىدا قۇش زۇكام كېسىلى تارقالغان ئىدى. (پەرىدە)