رابىيە قادىرنىڭ يەنە بىر ئوغلىمۇ قولغا ئېلىندى


2006.06.15

ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 15 ‏- ئىيۇن كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاھار ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئوغلىنىمۇ قولغا ئالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ": خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ گۇناھسىز بالىلىرىمنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك، مېنىڭ ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىم سەۋەبىدىن بالىلىرىمغا يالغان تۆھمەت چاپلاپ، ئۇلارنى قولغا ئېلىشى توغرا ھېسابلانمايدۇ" دېدى.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 6 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئابلىكىم ۋە ئالىمنى قولغا ئېلىپ، قىزى روشەنگۈلنى نەزەربەند قىلغان ئىدى. 13 ‏- ئىيۇن كۈنى خىتاي ساقچىلىرى يەنە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، رابىيە خانىمنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىمنىمۇ ئاقسۇدىكى ئويىدىن قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ پەرزەندلىرى ئۈستىدىن ئوخشاش بولمىغان تۇتۇش بۇيرۇقلىرى چىقىرىپ ،ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، باج ئوغرىلىغان، سوراق جەريانىدا ماسلاشمىغان دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئەركىنلىككە چىققاندىن بېرى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مائارىپ ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالغان پەرزەنلىرىگە داۋاملىق تۈردە تۈرلۈك تەھدىتلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيى ۋە ئەقىدە ھەسسىدارلىق سودا شىركىتىنىڭ تىجارەت ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر "خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەرزەندلىرىنى جازالاپ، رابىيە قادىر خانىمغا زەربە بەرمەكچى" دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.