يىغىندا خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى " قەتلىئام" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن رابىيە قادىر، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى"تاڭنۇرى باغچىسى" ئائىلىلىكلەر قوروسىدىكى بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، 5 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى، يەنە 5 ئۇيغۇرنىڭ قەشقەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا رابىيە قادىر قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى كەللي راين ئىسپات بەرگەن. ئىسپات بېرىش يىغىنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يىغىندا رابىيە قادىرنى سۆزلەتمەسلىك ھەققىدىكى بېسىمى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئىشلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن تىنا رومېرېزنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندىن بۇرۇن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، رابىيە قادىرنىڭ بىر "جىنايەتچى" ئىكەنلىكىنى، ئۇنى سۆزلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. لېكىن تىنا رومېرېزنىڭ بەرگەن جاۋابى ناھايىتى قەتئىي بولۇپ، ئۇ "رابىيە قادىر بىز ئۈچۈن جىنايەتچى ئەمەس... ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر كۈرەشچى. ئەگەر ئۇ جىنايەتچى دېيىلسە، سىلەرنىڭ قانۇنىڭلاردا مەسىلە بار، دېگەنلىكتۇر،" دەپ تەكىتلىگەن.
شۇ كۈنكى يىغىنغا خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ بىر ئادىمىنى كۈزەتچىلىككە ئەۋەتكەن بولۇپ، يىغىن رىياسەتچىسى خىتاينىڭ رابىيە قادىرغا پىكىرى بولسا، ئەلچىخانا خادىمىنىڭ رابىيە خانىمغا مۇشۇ سورۇندا سوئال قويۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئەلچىخانا خادىمى سوئال سورىمىغان.