خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىن خوتەنگىچە تۆمۈر يول ياساشنى پىلانلىماقتا


2004.10.25

" شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرەققىيات پىلان كومىتىتى ، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 1 - قېدىرىش- لايىھەلەش ئىدارىسى بىلەن توختام تۈزۈپ، قەشقەردىن خوتەنگىچە تۆمۈر يول ياساش ئىھتىماللىقى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەنگە تۆمۈر يول ياساش ئارقىلىق، خوتەننىڭ ئىقتىساتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خوتەننىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە "خوتەن چېگرا رايۇنغا جايلاشقان، سىتىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. شوڭا خوتەننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە" دەپ تەكىتلەنگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى خوتەنگە تۆمۈر يول ياساش بىلەن خوتەننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر يولنى خوتەنگىچە تۇتاشتۇرۇشى يەرلىك خەلققە مەنپەئەت ئەمەس، بەلكى ئاپەت ئېلىپ ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، تۆمۈر يول زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا كۆچۈپ كېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە زور دەرىجىدە تەھدىد ئېلىپ كېلىشى مومكىن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.