" ئولىمپىك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ" باش تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر يىغىلىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەت، سۇدان، بېرما ۋە ۋيېتنام تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.
"ئۇلۇغ ئېرا " گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، يىغىلىشتا سۆزگە چىققان مەمەت توختى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئىمزا قويمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى"خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى" نى قوبۇل قىلىشقا قىستاشتا ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، مەمەت توختى يەنە:" نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدى . ئەگەر ئۇلار شۇنى چۈشەنمىسە تىبەت ئۇيغۇر، فالۇنگۇڭ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان ئىنسانىي جىنايەتلەر داۋام ئىتىۋېرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىلىشتا يەنە ئونتارىيوغا جايلاشقان تىبەت ئاياللار بىرلەشمىسى ۋەكىلى كالساڭ تسومو خانىم، كانادا ھىندىستان قۇرۇلتىيى رەئىسى رون بانېر ھەمدە كانادا دارفۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئادام ئىسمائىل قاتارلىقلار سۆزگە چىققان ھەمدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى، تورۇنتو شەھىرىگە جايلاشقان خانىش يەنى كۈۋىنس باغچىسىدا باشلىنىپ تورۇنتو شەھەر ئىچىدە ئايلاندۇرۇلغان.