تۈركىيە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۈركىيە سانائەت باغچىسى قۇرۇشنى پىلان قىلدى

تۈركىيىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى، كۇرشات تۈزمەن يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقىنى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە " تۈركىيە سانائەت باغچىسى " بەرپا قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۆلەت مىنىستىرى كۇرشاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2007 ‏ - يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت سودا قىممىتى 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. كۇرشات تۈزمەن سۆزىدە يەنە، تۈركىيە كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۈچ تەرىپى دېڭىزغا تۇتىشىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد كۆۋرۈكى رولىنى ئوينىماقتا.

ئۇيغۇرلار، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت شۇنىڭدەك تىل جەھەتتە ئۆزى بىلەن ئەڭ يېقىن ھېسابلانغان تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ھەر دائىم ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىش، بىلىم ئاشۇرۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، شۇڭا تۈركىيىدە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ئالىي دەرىجىلىك بىلىم ئادەملىرى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.