ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامانلىق تەدبىرلىرى ئىچىگە، ئۇيغۇر ئېلىگە سىرتتىن كەلگەن مەدىكار، ساياھەتچى ۋە ياكى تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولمىغان بارلىق كىشىلەر تەكشۈرۈلگەندىن سىرت، مېھمانخانا، كىرالىق تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە چەت يېزىلارغا قەدەر تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنىدىكەن.
ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بولۇپمۇ نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خەتەرلىك جايلار دەپ قارالغان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش خىزمىتى ئالاھىدە كۈچەيتىلىپ، تېررورچىلارنى ھىمايىسىگە ئالغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن جايلاردا ئەتراپتىكى ئاھالىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
4 - ئاۋغۇست قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر ياش 16 خىتاي قوراللىق ساقچى ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈش ھەم، 10 - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسىدە 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك بىر قاتار ۋەقەلەر سادىر بولغان ئىدى.