خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا قىلىشقا بىخەتەر جاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى" تېررورچىلار" نىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەسئۇللىرى بېيجىڭدا سودىگەرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا قىلىشقا ناھايىتى بىخەتەر جاي ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي جۈمە كۈنى سېنتەبىر ئېيىدا ئېچىلىدىغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رايوندا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرنى ئىما قىلىپ، " بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەر ئاز ساندىكى ئايرىم بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ قىلمىشى، بۇنىڭ پۈتۈن رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى كىچىك " دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خۇ ۋېي، خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى يەنە تەكرارلىدى. يىغىندا " شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىشقا ناھايىتى بىخەتەرلىك جاي " دەپ تەكىتلىگەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، "خەلق مۇقىملىقنىڭ گۈللىنىش، قالايمىقانچىلىقنىڭ بالايى - ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ " دەپ سۆزلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى گۇرۇھلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئايرۇپىلان پارتلىتىش ۋەقەسىنى شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى نىشان قىلغان بىر "تېررورلۇق" گۇرۇھنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خۇ ۋېى ۋە تىلىۋالدىلارنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى" تېررورلۇق" ۋەقەلەرگە ئائىت ماددى پاكىتلارنى ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقىنى يازدى.