ئۇيغۇر ئىلىدىكى 13 ئورۇن ب د ت قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلىدىغان "يىپەك يولى" قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەش قەدىمىي شەھەرگە جايلاشقان 13 ئورۇن كىرگۈزۈلگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، "يىپەك يولى" دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاي قاتارلىق بەش دۆلەتتە بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇن ئېلىدىن تاللانغان رايونلار، تۇرپان ۋىلايىتىگە جايلاشقان يارغول قەدىمىي قەلئەسى، ئىدىقۇت شەھىرى خارابىسى، بېزەكلىك مىڭئۆي، ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تۇيۇق تاش غارى، قەدىمىي قەبرە ئىزلىرى، كورلا تەۋەسىدىكى كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى سۇ بېشى ساڭرام خارابىسى، قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆي، سىم-سىم مىڭئۆي، قەشقەر ئوپالدىكى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى ۋە خوتەنگە جايلاشقان نىيە قەدىمى شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار بار.

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئارخېئولوگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خېلى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى ۋە ماددىي ياردەملەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پەقەت 1996- يىلدىلا تۇرپاندىكى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش خىزمىتىگە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلغان بولسىمۇ، بۇ مەبلەغ دەل جايىدا ئىشلىتىلمەي، مەزكۇر جايلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ ئىشخانىسىنى بېزەش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە ، خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى ئاسراش قۇرۇلۇشىغا پەقەت كۈچ سەرپ قىلمىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئىلتىماسمۇ پەقەت خىتايلار يەنە ب د ت دىن پۇل ئېلىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. (جۈمە)