خىتاي دائىرىلىرى "ئۇيغۇربىز" تور پونكىتىنى پىچەتلىگەن

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا بۇيرۇق چۈشۈپ، خىتايچىنى ئاساس قىلىپ چىقىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە تور بېكەتلىرىدىن "ئۇيغۇر توردا" ياكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى " ئۇيغۇربىز" دېگەن نامدا چىقىدىغان تور بېكىتىنى پىچەتلىگەن.

ئېنگىلىزچە چىقىدىغان "يەر شارى پىكىر ئەركىنلىك تەرغىباتچى تورى"خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاھالە ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇھلار بىلەن خەن مىللىتى ئارىسىدىكى زور ئالاقە بوشلۇقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان "ئۇيغۇر توردا" تور بېكىتىنىڭ پىچەتلەنگەنلىكىنى ۋە تور بېكەتلىرىنى سەۋەبسىز پېچەتلەش خىتايدا ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالغانلىقىنى يازدى.

" ئۇيغۇر توردا " دېگەن نام بىلەن چىقىدىغان مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ 15 ‏ - ماي كۈنى تورداشلارغا ئېلان قىلغان خوشلىشىش خېتىدە " ئۇيغۇر توردا" پونكىتىنىڭ ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاقىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئېلان قىلىش ئۆزلىرىگە ناھايىتى ئېغىر كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن توردا تور بېكىتىنىڭ ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغان تاقىلىش سەۋەبلىرىنى ئىزاھلىغان ئۇلانما بولسا ئېچىلمىدى.

خوشلىشىش خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:" بىز بۇ يەردە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن بولغان نۇرغۇن دوستلارنى ئۆز ‏ - ئارا تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆز ‏ - ئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئۇيغۇر توردا مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى ئالاقە قانىلىنى ئاچتى. بىز خەلقلەر ئارىسىدىكى ئاممىۋى دىئالوگنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتۇق ".

مەزكۇر تور بېكىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرنى قورقماي مۇنازىرە قىلالايدىغان، بۇ مەسىلىلەرگە خىتايدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر جۈملىدىن خىتايلار پىكىر قاتناشتۇرىدىغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەردىن ئىدى. " ئۇيغۇر توردا"نىڭ خوشلىشىش خېتىدە ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر تور كۈندە بىر مىليون بەت ئېچىلىدىغان تور بېكىتى بولۇپ قالغان ئىكەن.