خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك مەزگىلىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇنازىرە تور بەتلىرىنى تاقىدى

بىر قانچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، بىر قىسىم داڭلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ مۇلاھىزە مۇنبەرلىرىنى تاقىغان.

بۇ ھەقتە مەلۇم تور بەتتە، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە ئولىمپىك مۇسابىقە مەزگىلىدە مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگە قەدەر تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چاپلانغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا، " ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە مۇنبەرگە ھەر قانداق ئەزالارنىڭ تېما، ئىنكاس يېزىشى چەكلىنىدۇ " دەپ يېزىلغان ۋە شۇنداقلا، بۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈدىغان بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ھەر قانداق يوللانمىلارنى يوللىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە تور ئابۇنتلىرىنىڭ نورمال مەشخۇلاتلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغاندىن باشقا، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال ھاياتى پائالىيەتلىرىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا.

بولۇپمۇ قەشقەر ھەمدە كۇچالاردا يۈز بەرگەن ئەگەشمە ۋەقەلەردىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، ئۈرۈمچى، كۇچا، غۇلجا قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزمەكتە ھەمدە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلماقتا.