خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە 300 مىڭ خىتاي دېھقاننى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

3 ‏ - سېنتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا گەنسۇ ئاپەت رايونىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردىكى خىزمەت شىتاتلىرىغا گەنسۇلۇق خىتايلاردىن 120 مىڭ نەپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى دېھقانلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتىنىڭ 12 ‏ - ماي يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان گەنسۇ دېھقانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇلاردىن باشقا يەنە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مەخسۇس گەنسۇ دېھقانلىرى ئۈچۈن 200 مىڭ كىشىلىك پاختا تېرىش ئىش ئورنى ھازىرلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، رادىئومىز مۇخبىرلىرى ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۈر سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلارنىڭ ئالاقىدار خادىمنى پىچاق سېلىپ زەخمىلەندۈرگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ياش ئۇيغۇر قىز ‏ - چوكانلارغا ئۆز يۇرتىدا ئىش ئىمكانى ھازىرلاپ بەرمەي،خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەكىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاپەتكە ياردەم بېرىش دېگەن باھانە بىلەن 300 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي دېھقاننى ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ نارازىلىقلىرىغا يول ئاچىدۇ دېيىشمەكتە.