ئۇيغۇرلار بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتى بىناسى ئالدىدا، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان كىشىلەردىن 200 دەك ئادەم نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋېنگرىيە، رۇمىنىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان بىر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىدى.

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار بېلگىيىدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا، خىتاينىڭ ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا 60 نەپەر ئۇيغۇرنى ناھەق سوتلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىشىغا، ياۋروپا پارلامېنتى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى چىقىپ قاتناشقان.