ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى


2005.08.25

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى چەتئەلدە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ئارىلاشقان ۋە تېررورلۇق پائالىيەت ئويۇشتۇرماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىدى.

ۋاڭ لېچۈەن مۇخبىرنىڭ رابىيە قادىر ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋابەن بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، "3 خىل كۈچلەر" نىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە غوللۇق تېررورچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ مەخپىي پىلانلارنى ئويۇشتۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ گېرمانىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى ۋاقتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى قانداق ئېلىش بېرىش ھەققىدە كېچىچە مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تىنچ يول بىلەن ئىستەيدىغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يىغىنىدا پەقەت، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا تېررورچى دەپ ئاتايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى خەلقئارادا تېررورچىلارنىڭ قۇربانى دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ھەقلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.