ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايون پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، چەتئەلنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ خىتاينىڭ تېرورچىلىققا قارشى كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا،- دەپ بىلدۈرگەن.
ۋاڭ لېچۈەن زىيارەت جەريانىدا، "شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرى توختىماستىن شىنجاڭنى پارچىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇڭا بىز قەتئي ۋە بوشاشماستىن تېرورورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىمىز" دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىگەن.
ۋاڭ لېچۇەن سۆزىدە مەركىزى ھۆكۈمەت بېيجىڭنىڭ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلقىنى، نامرات رايون ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى، ئومۇمەن شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، مۇخبىرلارنى بىر قانچە كۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ئوبلاست ۋە شەھەرلىرىگە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش جاۋاپقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .(ئەقىدە)