ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاي قاتىل تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنسىز بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس شەخس، پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوغلى بولۇشى خەۋەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئىدى.
بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. سان بېرناندىنو ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ خادىمى جېننى سىمىس خانىم سۇئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا دېلونىڭ جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى خاتىرىلەنگەن رەسمىي ماتېرىيال ۋە رەسمىي ئۇچۇر مەنبەلىرىنى تەمىنلىدى.
بۇ خەۋەر ۋە ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 10دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە مەزكۇر ساقچى ئورگىنى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە تېلېفوندا ئەتراپتا ئوق ئاۋازى چىققانلىقى ۋە بىرەيلەننىڭ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. ساقچىلار مەلۇم قىلىنغان ئادرېسقا يېقىنلاشقاندا، يەنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككى كىلومېتىرچە يېقىنلاشقاندا، نورمالدىن تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى ئۇچراتقان. ساقچىلار ماشىنىنى توختىتىشقا ۋە ئىچىدىكىلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغۇچى چۈشۈپ تەسلىم بولغان، رولدىكىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەن ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى بىرىگە ئوق چىقارغان. شو چاغقىچە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا ئادەم بارلىقىنى بىلمىگەن ساقچىلار دەرھال ئوق چىقىرىپ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى ئېتىۋەتكەن. ئەسلىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلاردىن رولدىكىسى 67 ياشلىق بو جېڭفېڭ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدىكىسى 66 ياشلىق بو جىيەنچۈەن، ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا سولۇنۇقلىقى 60 ياشلىق ئەكبەر شۈكۈر بولۇپ، مەزكۇر ئاكا-ئۇكا خىتايلار ئەكبەر شۈكۈر ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلاش جەريانىدا خەۋەر تېپىشىچە، ئەكبەر شۈكۈرنىڭ قوروسىدا ئوق ئاۋازى چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆيدە توك كەتكەن، ئەكبەر شۈكۈر ئۆينىڭ توك ساندۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوروغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئېتىلغان ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا مەجبۇرىي سۆرەپ سولىنىپ ئېلىپ مېڭىلغان. ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن مەزگىلدە مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، بو جېڭفېڭ بىلەن ئەكبەر شۈكۈرنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك، يەنە بىرى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاز دېگەندە ئىككى شىركەتتە شېرىكچىلىكى بار ئىكەن. ئارىلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە قىممىتى 20 مىليون دوللار بولغان بىر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تالاش-تارتىشى مەۋجۇت ئىكەن. يەنە دەسلەپكى خەۋەرلەردە دەپ كۆرسىتىلىشىچە، بو جېڭفېڭ بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە ۋەقە سادىر قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر قانچە كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلغان، ئەمما ئەرىز قىلىنغانلار ئارىسىدا ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن.
نۆۋەتتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر قاتىللىق ۋەقەسىگە ئىقتىسادىي بىر زىياننىڭ تۈرتكە بولغانلىقى پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ئەمما بۇ پۇلنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئەكبەر شۈكۈر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
2-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان دەسلەپكى سوراق سوتىدا قاتىلنىڭ ئىنىسى بو جىيەنچۈەن ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتقان، ئەمما خەۋەرلەردە ئەكبەر شۈكۈرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش جەريانىدا بو جىيەنچۈەن بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قاتىللىق ۋەقەسىدە قاتىل شېرىكى سانىلىدىغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
باياناتچى جېننى سىمىس خانىم رادىيومىزغا ئالاقە خىتىدە ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدە مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە سىياسىي تەھدىت سىگىنال ئالامىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سۆئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.
ئەكبەر شۈكۈر پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۈچ ئوغلىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاز كەم 20 يىلدىن بۇيان ئۈچ قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادا ياشىماقتا.
ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن ئىنكاسلار چۈشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەگە قارىتا تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى، مەلۇم بولۇشىچە، تەشكىلاتلار رازۋېتكا خۇلاسىسى ۋە سوت ھۆكۈمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە.
