«سۇلايمان گۇۋاھ»نىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ ۋاپات بولدى
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مېھمان كەلدى» دېگەن ناخشا تېكىستى بولۇپ كەڭرى تارقالغان، ئەسلى ماۋزۇسى «سۇلايمان گۇۋاھ» بولغان مەشھۇر شېئىرنىڭ ئاپتورى تاھىر تالىپ مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزدى. تالانتلىق شائىر، پىشقەدەم تەھرىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان تاھىر تالىپنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىك ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ھەتتا ئۆزى قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن «قەشقەر گېزىتى»دىمۇ خەۋەر قىلىنمىدى.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راھىلە كامال مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا رادىيومىز ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتىغا، تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانىغا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئۇ تەزىيە باياناتى ئارىسىدا شائىرنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنى مەسخىرىلىك ھالدا قامچىلىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئىسا ئەلكۈنمۇ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈردى.
تاھىر تالىپ قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان؛ 1978-يىلدىن 2003-يىلغىچە «قەشقەر گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى ۋە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. راھىلە كامالنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ئىنسان، ۋىجدان ۋە ئادالەت تېمىسىدا يازغان شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى بىر قانچە دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەرھۇمنىڭ «خەير-خوش ياشلىقىم»، «مەن ئادەم» ۋە «ئەتىكى قۇياش» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان؛ «مەن ئادەم» ناملىق شېئىرى ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ مۇشەققەتلىك يىللارنى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ياللانما ئەدەبىياتچىلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ كەلگەن ۋە ياش شائىرلارغا ساپ ۋە مىللىي ئەدەبىياتچىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولغان.
شېئىرلىرىدىكى ھەق-ئادالەت چاقىرىقلىرى سەۋەبلىك 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا قولىغا كويزا سېلىنغان تاھىر تالىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
راھىلە كامالنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ ياش ئەۋلاتلارغا زېمىن ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تورىدىغان ۋە خوجايىنلىق ئېڭى سىڭدۈرىدىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرى گەرچە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوقۇلۇشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، قەلبلەردە ھېلىھەم دېكلاماتسىيە قىلىنماقتا.
ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاي قاتىل تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنسىز بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس شەخس، پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوغلى بولۇشى خەۋەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئىدى.
بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. سان بېرناندىنو ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ خادىمى جېننى سىمىس خانىم سۇئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا دېلونىڭ جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى خاتىرىلەنگەن رەسمىي ماتېرىيال ۋە رەسمىي ئۇچۇر مەنبەلىرىنى تەمىنلىدى.
بۇ خەۋەر ۋە ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 10دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە مەزكۇر ساقچى ئورگىنى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە تېلېفوندا ئەتراپتا ئوق ئاۋازى چىققانلىقى ۋە بىرەيلەننىڭ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. ساقچىلار مەلۇم قىلىنغان ئادرېسقا يېقىنلاشقاندا، يەنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككى كىلومېتىرچە يېقىنلاشقاندا، نورمالدىن تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى ئۇچراتقان. ساقچىلار ماشىنىنى توختىتىشقا ۋە ئىچىدىكىلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغۇچى چۈشۈپ تەسلىم بولغان، رولدىكىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەن ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى بىرىگە ئوق چىقارغان. شو چاغقىچە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا ئادەم بارلىقىنى بىلمىگەن ساقچىلار دەرھال ئوق چىقىرىپ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى ئېتىۋەتكەن. ئەسلىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلاردىن رولدىكىسى 67 ياشلىق بو جېڭفېڭ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدىكىسى 66 ياشلىق بو جىيەنچۈەن، ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا سولۇنۇقلىقى 60 ياشلىق ئەكبەر شۈكۈر بولۇپ، مەزكۇر ئاكا-ئۇكا خىتايلار ئەكبەر شۈكۈر ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلاش جەريانىدا خەۋەر تېپىشىچە، ئەكبەر شۈكۈرنىڭ قوروسىدا ئوق ئاۋازى چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆيدە توك كەتكەن، ئەكبەر شۈكۈر ئۆينىڭ توك ساندۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوروغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئېتىلغان ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا مەجبۇرىي سۆرەپ سولىنىپ ئېلىپ مېڭىلغان. ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن مەزگىلدە مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، بو جېڭفېڭ بىلەن ئەكبەر شۈكۈرنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك، يەنە بىرى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاز دېگەندە ئىككى شىركەتتە شېرىكچىلىكى بار ئىكەن. ئارىلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە قىممىتى 20 مىليون دوللار بولغان بىر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تالاش-تارتىشى مەۋجۇت ئىكەن. يەنە دەسلەپكى خەۋەرلەردە دەپ كۆرسىتىلىشىچە، بو جېڭفېڭ بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە ۋەقە سادىر قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر قانچە كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلغان، ئەمما ئەرىز قىلىنغانلار ئارىسىدا ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن.
نۆۋەتتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر قاتىللىق ۋەقەسىگە ئىقتىسادىي بىر زىياننىڭ تۈرتكە بولغانلىقى پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ئەمما بۇ پۇلنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئەكبەر شۈكۈر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
2-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان دەسلەپكى سوراق سوتىدا قاتىلنىڭ ئىنىسى بو جىيەنچۈەن ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتقان، ئەمما خەۋەرلەردە ئەكبەر شۈكۈرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش جەريانىدا بو جىيەنچۈەن بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قاتىللىق ۋەقەسىدە قاتىل شېرىكى سانىلىدىغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
باياناتچى جېننى سىمىس خانىم رادىيومىزغا ئالاقە خىتىدە ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدە مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە سىياسىي تەھدىت سىگىنال ئالامىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سۆئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.
ئەكبەر شۈكۈر پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۈچ ئوغلىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاز كەم 20 يىلدىن بۇيان ئۈچ قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادا ياشىماقتا.
ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن ئىنكاسلار چۈشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەگە قارىتا تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى، مەلۇم بولۇشىچە، تەشكىلاتلار رازۋېتكا خۇلاسىسى ۋە سوت ھۆكمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە.
رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت 30-ئىيۇل كۈنى «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەد مىلىباندقا قارىتىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى.
ئوچۇق خەتتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي تونۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگىلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش، شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تىزىملىكىنى سوراش ۋە خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتا ئېمبارگولارنى ھەمكارلىشىپ ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ۋە جىددىيلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۆزى ئۇچرىغان شەخسىي ئائىلە زىيانكەشلىكلىرىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرگەن رەھىمە مەھمۇت ئوچۇق خېتىنىڭ ئاخىرىدا تارىخنىڭ ئەنگىلىيەگە پەردە ئارقىسىدىكى گەپلەرگە قاراپ ئەمەس، ھەق-ئادالەت مەسىلىسىدە قايسى مەيداندا بولغانلىقى ۋە نېمىلەرنى ئىجرا قىلغانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رەھىمە مەھمۇت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلى ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئۇ 2021-يىلى لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى»نىڭ غوللۇق تەرجىمانى ۋە سوتنىڭ ئېچىلىشىدىكى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرىدۇر.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى
بىر ئاي بۇرۇن ب د ت نىڭ نىيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان تىبەت پائالىيەتچىسى پاۋو لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى.
نىيۇ-يوركنىڭ دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي كىمىلىكىنى ساقلاش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە سۇنماس روھىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ لوبگا راڭزېننىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ تىبەتلەرنىلا ئەمەس، ئازراقلا ئىنساندارچىلىق ئېڭى بولغان ھەر قانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
پائالىيەتتە سۆزگە چىققانلار ئارىسىدا داڭلىق كىنو ئارتىسى، تىبەت دوستى رىچارد گېرمۇ بار بولۇپ، ئۇ سۆزىدە لوبگا راڭزېننى «تىبەت خەلقىنىڭ ئازابىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنىشىغا تاقات قىلالمىغان پىداكار شەخس» دەپ تەرىپلىدى، شۇنداقلا تىبەتلەرگە مېھر-شەپقەتلىك بولۇشنىڭ پاسسىپلىققا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكى، زۇلۇمغا جايىدا ۋە تەگىشلىك قارشىلىق بىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس قىلغان سۆزىدە لوبگا راڭزېننىڭ قەھرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىللە، تىبەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان رىچارد گېرنىڭ تىبەتلەرنى قوللىشى باشقا مەھكۇم مىللەتلەرگىمۇ ئىلھام بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ گوللاندىيە قىسمىغا ئابدۇرېھىم غېنى، ئەنگىلىيەدىكى قىسمىغا ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت قاتناشتى.
پائالىيەتتە باشتىن-ئاخىر لوبگا زاڭزېن خاتىرىلىنىش بىلەن بىللە خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ئەيىبلەندى. پائالىيەتچىلەر بىردەك ھالدا خەلقئارا جامائەتنى بۇ قانۇنىڭ ئىجرائاتىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
ئادريان زېنز: يەنە 43 خىتاي كارخانىسى چەكلەش تىزىملىكىگە كىردى، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى يەنىلا زور
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 31-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، 43 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە بايقۇت تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ مەزكۇر قانۇن 2022-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك تىزىملىك كېڭەيتىش ھېسابلىنىدۇ.
داڭلىق تەتقىقاتچى ئادريان زېنز رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق بايقۇت تىزىملىكىىنى كېڭەيتىشكە قارىتا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭمۇ بۇ ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ تەدبىر 3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 43 شىركەت ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ لوپنۇر لىتىي سانائىتى (新疆罗布泊锂业)، خۇنەن ئەيخۇا گۇرۇھى (湖南艾华集团) ۋە چاچا يېمەكلىكلىرى (洽洽食品) قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بار.
ئادريان زېنز لىتىي ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسىي بايقۇت ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بۇ خىل تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت يېڭى ئىسپاتلار ۋە دوكلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بايقۇت ئوبيېكتلىرى تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ سانى 187 گە يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن % 30 كۆپەيدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ پەرەز قىلىنىدۇ ۋە ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
ئادريان زېنز بۇ تەدبىرنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:«بۇ قارار خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ جىددىي قاراش لازىملىقىنى ھەمدە ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشلارغا قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تەشكىللىگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئائىلىلىرى ھەم ئامېرىكىلىق ئىشچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرلىرىگە ئىزچىل ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادىل رىقابەتنى قوغداش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بىلمەستىن سېتىۋېلىش خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.
1-ئاۋغۇست، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ئېنىق پاكىت ئاساسى يوق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆز شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 143 مىڭدىن ئارتۇق ئويغۇر پەرزەنت ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان
27- ئىيۇل تەتقىقاتچى جىن بۇنىن قۇرغان ”شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئامبىرى“ Xinjiang Victims Database تەرىپىدىن تەيييارلانغا بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئامبار ئۇچۇرلىرى، 2022-يىلى ئاشكارىلانغان ”شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى“ دىكى پاكىتلار ۋە ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەم دېگەندە 143 مىڭ 228 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت (ئاساسلىقى ئويغۇر) ئۆسمۈرلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش سەۋەبىدىن يالغۇز قالغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئېرىشىلگەن نەتىجىگە كۆرە، مەزكۇر ناھىيەدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ياكى ئائىلىدىكى يالغۇز باققۇچىسى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى كەم دېگەندە 3,772 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %4.22 نى تەشكىل قىلىدىكەن؛ دەلىللەنگەن ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن %56 ىدە، دادا 2017-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن، ئانا بولسا كېيىنكى يىلى (2018-يىلى) يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن؛ ئاتا-ئانا تەڭ تۇتۇلغان ئائىلىلەردە ئوتتۇرىچە 2.4 نەپەر پەرزەنت يالغۇز قالغان بولۇپ، 700 دىن ئارتۇق ئائىلىدە ئاز دېگەندە 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بۇ پەرزەنتلەر ئاساسلىقى ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بوۋا-مومىلىرىنىڭ ياكى تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ھامىيلىقىغا قالغان ۋەياكى تامامەن ئىگە-چاقىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان.
تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تۇتقۇن قىلىش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، كوناشەھەردىكى %4.22 لىك نىسبەتنى تەدبىق قىلىپ كۆپەيتكەندە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ كەم دېگەندە 143,228 نەپەرگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مۆلچەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلەنگەن تۆۋەن چەك بولۇپ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.
مەمەت توختى: خىتاي ئۆزىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزغان ”ئۇزۇن قولى“نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى
كانادادىكى تونۇلغان سىياسىي ئاكتىپ ۋە ئانالىزچى، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى (URAP) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ”بىيۇرو“ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نىڭ ”ئۇزۇن قولى“ ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختالدى.
بۇ يىل1-ئيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدا، خىتاي جۇمھۇرىيىتى سىرتىدىكى شەخىس، ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش» قىلمىشلىرىغا قارىتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
مەمەت توختىنىڭ ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ماددا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلغۇچىلارنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىت قىلغان كانادا پارلامېنت ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرىدىغان شىركەتلەرنىمۇ جىنايەتچى قىلىپ بېكىتىشىگە يول ئاچتى. ماقالىدە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى پەقەت كانادادىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىلا ئەمەس، سۆز ئەركىنلىكى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئاخباراتچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىمۇ جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
مەمەت توختىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ئىلگىرى خىتاي ئىجرا قىلىپ كەلگەن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرۇش، مۇھاجىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىش، ھەتتا ئۇلارنى جازالاش قاتارلىق قىلمىشلاردىن پەرقلىق ھالدا، بۇ يېڭى قانۇن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى باستۇرۇش ۋە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇن ئارقىلىق نىقاپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.
مەمەت توختى ئوتتاۋانىڭ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا قارىتا يىتەرلىك تەييارلىقتا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ بىرلىك سەپ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار ئورۇنلارنى جىددىي تەكشۈرۈش؛ خىتاينىڭ كانادا زېمىنىدىكى قانۇنسىز قىلىمشلىرى ئاشكارىلانغاندا، ئۇنى تەنقىت قىلىپلا قويماي، ئالاقىدار دىپلوماتلارنى قوغلاش؛ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى قانۇننىڭ كانادا پۇقرالىرى ۋە زېمىنىدا ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوچۇق جاكارلاش؛ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ بۇنداق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.
