ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مېھمان كەلدى» دېگەن ناخشا تېكىستى بولۇپ كەڭرى تارقالغان، ئەسلى ماۋزۇسى «سۇلايمان گۇۋاھ» بولغان مەشھۇر شېئىرنىڭ ئاپتورى تاھىر تالىپ مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزدى. تالانتلىق شائىر، پىشقەدەم تەھرىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان تاھىر تالىپنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىك ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ھەتتا ئۆزى قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن «قەشقەر گېزىتى»دىمۇ خەۋەر قىلىنمىدى.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راھىلە كامال مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا رادىيومىز ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتىغا، تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانىغا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئۇ تەزىيە باياناتى ئارىسىدا شائىرنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنى مەسخىرىلىك ھالدا قامچىلىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئىسا ئەلكۈنمۇ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈردى.
تاھىر تالىپ قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان؛ 1978-يىلدىن 2003-يىلغىچە «قەشقەر گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى ۋە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. راھىلە كامالنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ئىنسان، ۋىجدان ۋە ئادالەت تېمىسىدا يازغان شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى بىر قانچە دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەرھۇمنىڭ «خەير-خوش ياشلىقىم»، «مەن ئادەم» ۋە «ئەتىكى قۇياش» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان؛ «مەن ئادەم» ناملىق شېئىرى ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ مۇشەققەتلىك يىللارنى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ياللانما ئەدەبىياتچىلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ كەلگەن ۋە ياش شائىرلارغا ساپ ۋە مىللىي ئەدەبىياتچىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولغان.
شېئىرلىرىدىكى ھەق-ئادالەت چاقىرىقلىرى سەۋەبلىك 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا قولىغا كويزا سېلىنغان تاھىر تالىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
راھىلە كامالنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ ياش ئەۋلاتلارغا زېمىن ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تورىدىغان ۋە خوجايىنلىق ئېڭى سىڭدۈرىدىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرى گەرچە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوقۇلۇشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، قەلبلەردە ھېلىھەم دېكلاماتسىيە قىلىنماقتا.
