ھىندىستان ئاخبارات ئورگىنى ئالاقىدار دائىرىلەرنى ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان

"ھىندىستان ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئاخبارات ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئاپرېلنىڭ 17 ‏ - كۈنى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەندە، ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە ھەزەر ئەيلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ھىندىستاندا پاناھلىنىۋاتقان 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئىسمى، رەسىمى، يېڭى دېھلىدىكى ئادرېسى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يانفون نومۇرى قاتارلىقلارنىڭ يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى. "ھىندىستان ۋاقتى" گېزىتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇھەممەد ئابدۇللا، ئابدۇلخالىد، ئۆمەر ئەزىز، يۈسۈپ ساتتار ۋە ئابدۇللا داۋۇتلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ نېپالدىن ھىندىستانغا كىرگەنلىكىنى، بۇ 5 مۇساپىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن چېتىشلىقى بار، دېگەن گۇماندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئولىمپىك مەشئىلى پەيشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەندە ھىندىستاندىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ شىددەتلىك نارازىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. چارشەنبە كۈنى ھىندىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان تىبەت مۇساپىرلىرىدىن 20 نەچچە كىشىنى قولغا ئالدى.

يېقىندا خىتاي ھىندىستاندىن تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، تىبەتلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستاندىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ ھىندىستانغا كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تەقسىماتىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.