خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە بىر خرىستيان مۇخلىسىنى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچتى


2008.02.21

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى تەپتىش دائىرىلىرى2007 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا خرىستىئانلارنىڭ ئىنجىلىنى ساتقانلىقى تۈپەيلى " قانۇنسىز سودا قىلىش" جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان خىتاي خرىستيان مۇخلىسى، " يايى" كىتابخانىسىنىڭ مەسئۇلى جاۋ خېڭنى ئەيىبلەشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا جاۋ خېڭ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن 19 ‏- فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي تاغ مەنزىلىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئەسلىدە، جاۋ خېڭ 2007 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، شۇ ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى سايباغ تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى رەسمىي قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى. لېكىن سايباغ تەپتىش مەھكىمىسى 2 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى چىقارغان قارارىدا " سايباغ ج خ ئىدارىسى جاۋ خېڭ ئۈستىدىن بېكىتكەن جىنايەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس، پاكىتلار يېتەرسىز، ئەيىبلىنىش شەرتىگە توشمايدۇ... شۇ تۈپەيلى جاۋ خېڭنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى " دېيىلگەن.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" دەپ ئاتلىدىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە دىن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىنىي جەمئىيەت، جاۋ خېڭنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى، بىشوپ فۇ شىچيۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جاۋ خېڭنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا خرىستيان جەمئىيەتلىرى خىتايغا ئېغىر بېسىم ئىشلەتكەن. ئۇ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلارغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىش، خرىستيان تۇتقۇنلارنى يېنىك بىر تەرەپ قىلسا، مۇسۇلمانلارنى شىددەتلىك باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.