ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
2007.10.02
ئۇيغۇر ئېلى قانۇن تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى مەخسۇس مەكتەپلەردىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندىن باشلاپ مەكتەپلەر ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى لۈكچەك ھەم قارا كۈچ گۇرۇھلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ تازىلاش ھەرىكىتى 11- ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە 40 كۈن ئەتراپىدا داۋام قىلىدىكەن.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ 40 كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتى دائىرىسىگە ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى تېخنىكوم مەكتەپلەر ۋە تولۇق ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر شۇنىڭدەك باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم يەسلىلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن.
شۇنداقلا قانۇن تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر ھەرىكەت ئارقىلىق ئوتتۇرا ھەم تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ ئامانلىقى ھەم سىياسىي مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭىتىش بىلەن تەڭ ، باشلانغۇچ ھەم بالىلار يەسلىلىرىدە تېنچ ھەم بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ ئاتا -ئانا ھەم ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز دەپ كۆرسەتكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 20 -سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەش يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە بىر قانچە ئون كىشى ئېغىر يارىلىنىشتەك زور ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، توقۇنۇش تىنچلاندۇرۇلغان بولۇپ، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپ كالتەك، تۆمۈر قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇرۇشقان .ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى بۇ توقۇنۇش ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنىش قامال قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن بەرىبىر بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار سىرتقا تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 300 نەپەر ئادەم "3 خىل كۈچ" جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
- خىتاي دۆلەت كابىنتى "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى
- ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشى قىيىن بولماقتا
- تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
- ئۈرۈمچىدە 18 كىشى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
- ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا سودا-ئىقتىسادى بويىچە يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى