خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن

30‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قاراتقان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

جىل درۇ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، " ئۇيغۇر ئېلىدە ئولىمپىك ھارپىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئىچىدىلا خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى 4 قېتىم ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىڭلىغان ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرىنى چېكىندۈرمەي بۇ رايونلاردا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن" دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرى چەت دۆلەت رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك تىبەت ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانى ئىشەنگىلى بولمايدىغان ئادەم دەپ تەنقىد قىلسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى تېررورچىلارنىڭ ئىشى دەپ قاراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدە، ئاۋغۇست ئېيى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان 4 ھۇجۇمنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغانلىقى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ پىچاق ۋە ئۆيدە ياسالغان بومبا قاتارلىق ناھايىتى ئاددىي قوراللار ئىشلەتكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىسىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز" دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئاپتۇر جىل درۇ، ماقالىسىنى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ پروفېسسورى يۇ جىيەنروڭنىڭ " ئەگەر ھۆكۈمەت شىنجاڭنى خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى خالىسا، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى چوقۇم قاتتىق تەدبىرلەر قوللىنىشى كېرەك" دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان.