خىتاي، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتىنى رەت قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى، يېقىندا خىتايدا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتىلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۆزىنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دەپ ئاتىغان بىر تەشكىلات پەيشەنبە كۈنى "يۇ تۇپ" تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتىلىتىش قاتارلىق، يېقىندا خىتايدا مەيدانغا كەلگەن پارتىلتىش ۋەقەلىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇندىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن يەنە " يۇ تۈپ" تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنغا قارشى ئەمەلىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە 2008‏ - يىلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن قايغۇ ۋە ھەسرەتلىك يىل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۆزىنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەسكىرى قوماندانى دەپ تونۇشتۇرغان يۈز ماسكىلىق بىر كىشى، پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ماي ئېيىدا شاڭخەيدە ۋە 17‏ - ئىيۇل كۈنى گۇۋاڭدوڭدا يۈز بەرگەن پارتىلتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە خىتايغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن شاڭخەي ساقچىسى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ جىيۇلوڭ شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ناملىق تەشكىلاتنىڭ باياناتىنى رەت قىلىپ، ماي ئېيىدا شاڭخەيدە يۈز بەرگەن پارتىلاشنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ياكى بېيجىڭ ئولىمپىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ساقچى دائىرلىرىمۇ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتىنى رەت قىلىپ، 17‏ - ئىيۇل كۈنى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە ھېچقانداق پارتىلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئەمما فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىنى جاۋاپلاندۇرۇشنى رەت قىلغان.

بۇ ئارىدا شەنبە كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئىنتېرنېتتىكى باياناتى ھەققىدىكى سۇئاللىرىنى جاۋاپلاندۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "ئۇيغۇرلار تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈنلەي قارشى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تىنچلىق يولى بىلەن نىشانغا يېتىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى قىلىپ بېكىتكەن،" دەپ كۆرسەتتى.