خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى كوچا ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى 17 ئاساسلىق كوچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. يۇقىرىقى كوچىلارنىڭ كونا ئىسمى دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ رەسمى ئەمەلدىن قالغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن كوچىلارنىڭ 12 سىگە خىتايچە ئىسىم قويۇلغان، قالغان بەش كوچىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىسىملار بىلەن ئاتالغان. قەشقەر شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن پويىز ئىستانسىسىغىچە بارىدىغان يولغا تيانشان شەرقىي يولى، دەپ نام بېرىلگەن شۇنداقلا ئايدۇرۇمدىن يېڭى مىھمانخانىغىچە بولغان ئارلىقنى جىچاڭ يولى، دەپ ئاتىغان.

قالغان كوچىلارغا قۇرۇلۇش يولى، شىنچىڭ شىمالى يولى، شىنچىڭ جەنۇبىي يولى، بانچاۋ يولى قاتارلىق ئىسىملار قويۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان مىللىيچە ئىسىم قويۇلغان كوچىلار مۇزتاغ يولى، ئارسلانخان يولى، ئىپارخان كوچىسى ۋە شۇنداقلا تارىم يولى قاتارلىق كوچىلاردىن ئىبارەت.

قەشقەر ئۇيغۇر مەدىنىيىتى، تارىخى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقى يۈزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قەدىمىي شەھەر. ئىلگىرى قەشقەردىكى يەر ناملار شۇنداقلا كوچا - كويلارنىڭ ئىسىمى ئۇيغۇرچە ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قەشقەردىكى مەھەلە ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ئېنسىرەيدىكەن. (ئەركىن)