شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئاپتوموبىلدىن بىر ياكى بىر نەچچە كىشىلەر سەكرەپ چۈشۈپ، يول ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. بۇ ھۇجۇمنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تېخى ئېنىق مەلۇم ئەمەس. لېكىن رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يامانيار ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، "سەيشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان،" دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ ئۆتكەن سەككىز كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. 4 - ئاۋغۇست كۈنى ئىككى ئۇيغۇر ياش قەشقەردىكى خىتاي چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ بىر ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، 16 خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 16 سىنى يارىلاندۇرغان ئىدى. 9 - ئاۋغۇست كۈنى بولسا، 15 نەپەر ئۇيغۇر كۇچا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە بىر پاھىشىخانا قاتارلىق 17 جاينى بومبىلىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ سەككىز نەپىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتا ئۆلگەن، ئىككى نەپىرى بولسا، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن، توقۇنۇشلار جەريانىدا ئېغىر يارىلانغان بىرى 15 ياشتىكى كىچىك قىز بولۇپ ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچى ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن . ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئۈچى قېچىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملار خەلقئارا جامائەت شۇنىڭدەك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.