تاشقورغاندا ئۇيغۇر - پاكىستان چېگرا سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاكىستان چېگرىسىدا تاشقورغان ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى - پاكىستان چېگرا رايون پۇقرالىرىنىڭ سودا يەرمەنكىسى بىرىنچى ھەپتىسىنى ئۆتكۈزدى. يەرمەنكە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى باشلانغان. ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى قايتا ئېچىلىدۇ.

قەشقەر ۋىلايىتى پاكىستاننىڭ چېگرا ئۆلكىسىدىكى دائىرىلەر بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىل 1 - مايدىن 31 - دېكابىرغىچە، ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى بازار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىن ئېلىپ بارغان ياكى پاكىستانغا ئېلىپ چىقىدىغان ماللارغا ئېكسپورت ياكى ئىمپورت توۋارلىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدىكەن.

بازاردا جەمئىي 77 دۇكان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تىجارەتچىلەر سودىدا يۈئەن، رۇپىيە ياكى ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلەتسە بولىدىدىكەن ھەم مالغا - مال ئالماشتۇرسا رۇخسەت قىلىنىدىكەن.

تاشقورغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگرىلىنىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم جاي. خىتاي ھۆكۈمىتى 1980 - يىللاردا مۇجاھىدلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشىغا تاشقورغان ئارقىلىق ياردەم بېرەتتى.

ئامېرىكا، 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقورغانغا ئىككى دىۋىزىيە قوشۇن يۆتكەپ، قونجىراپ ئېغىزىنى تاقىغان شۇنداقلا تاشقورغاندىكى يەرلىك پۇقرالارنى قەشقەرنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يۆتكىگەن ئىدى. (ئەركىن)