ژۇرنالىست مەمەتجان جۈمە ئوكسفوردنىڭ ژۇرنالىستلار تەتقىقات پروگراممىسىغا تاللاندى

ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئوكسفوردتا بۇ يىل 10-ئايدىن كېلەر يىلى 4-ئايغىچە داۋام قىلىدۇ.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رويتېرس ژۇرنالىزم تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ 1-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن توققۇز نەپەر ژۇرنالىست بۇ يىللىق تەتقىقات پروگراممىسىغا تاللانغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سابىق مۇخبىرى، ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ سابىق مۇئاۋىن دېرىكتورى مەمەتجان جۈمە بۇ ژۇرنالىستلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

مەمەتجان جۈمە 2025-يىلى كۈزدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تاقالغاندا، كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئۇيغۇر خەۋەرلىرى تورى»نى قۇرۇپ چىققان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇ بۇ تورنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

مەمەتجان جۈمەنىڭ بۇ قېتىمقى تەتقىقات تېمىسى سۈرگۈندىكى خەلقلەرنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى توغرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئوكسفوردتا بۇ يىل 10-ئايدىن كېلەر يىلى 4-ئايغىچە داۋام قىلىدۇ. مەمەتجان بۇ جەرياندا ئوكسفوردتا ئېچىلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە يىغىنلىرىدا مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۇنىڭ تەتقىقات چىقىمىنى تومسون رويتېرس جەمئىيىتى تەمىنلەيدۇ.