خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ چوڭ شورلۇق خىمىيىۋى ئوغۇت بازىسى قۇرماقچى


2006-11-14
Share

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنور كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان شورنى ماتېرىيال قىلغان كالىيلىق خىمىيە ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پىچان ناھىيىسىدە خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان شورنى ماتېرىيال قىلغان كالىيلىق خىمىيە ئوغۇت بازىسى قۇرماقچى.

تۇرپان ۋىلايىتى سودا ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاينىڭ جېجياڭ ۋەنيۈەن شىركىتى پىچان ناھىيىسىدە بىر يىللىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە 200 مىليون توننىغا يېقىن كالىيلىق شور مەيدانىنى بايقىغان. مەزكۇر جاي دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ شورتاڭلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تۇرپان ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى لىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر جايدىكى شورتاڭلىقتا كالىيلىق خىمىيىۋىي ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئۈچۈن دەسلەپتە سالغان مەبلىغى 1 مىليارد 100 مىڭ يۈەن بولغان، ئۇلار بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سالماقچى ئىكەن. مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۈر جايدا شورتاڭلىقتىكى تەبىئىي بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ، ئالىي سۈپەتلىك خىمىيىۋىي ئوغۇت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن. ھازىر مەيلى خىتايدا بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، بۇ خىل ئوغۇت ناھايىتى كەمچىل ئىكەن. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت