ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن " قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى قايتا باشلىغان. مەلۇماتقا قارىغاندا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى 50 كۈن داۋام قىلىدىكەن.
گەرچە مەزكۇر خەۋەر -22 سېنتەبىر رەسمى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، شىنھۇئا ئاخباراتىنىڭ ئاشكارلىنىشىچە 50 كۈنلۈك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا 8- ئايدىلا باشلانغان ئىكەن.
ھەمدە تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئۆتكەن ھەپتە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستېرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى تارماقلىرىغا 119 دانە زامانىۋى تىپتىكى ساقچى ئاپتوموبىلى ئەۋەتكەتلىكى خەۋەر قىلىندى.
گەرچە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەر تورلىرىدىكى خەۋەرلەردە بۇ 50 كۈنلۈك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى بايرام مەزگىلىدىكى جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. ئەمما شىنخۇئا ئاخباراتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 50 كۈنلۈك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە بۇ قېتىملىق قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى، خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەمىيەت ئامانلىقى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 50 كۈنلۈك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا تېلېفون ئۇلىدۇق.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى خادىمى بىزنىڭ قايسى رادىئونىڭ مۇخپىرى ئىكەنلىكىمىزنى سورىغاندىن كېيىن " بىز باشلىقلاردىن سورىماي تۇرۇپ سوئالىڭلارغا جاۋاپ بېرەلمەيمىز، بۇ دىگەن مەخپى رازۋېتكا ھەرىكىتى تۇرسا، ئەڭ ياخشىسى بۇ توغرىلىق سورىماڭلار" دىدى.
قەشقەر شەھەر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، " قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغىلى خېلە كۈن بولدى ھەر يىلى ئېلىپ بارىمىز" دىيىشىگىلا يەنە بىر ساقچى تېلېفوننى قويىۋەتتى..
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 50 كۈنلۈك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ خەۋىرى بار بولۇپ، قۇرۇلتاي باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 8- ئايدا باشلانغان 50 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى جىددى ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىپلا قالماي يەنە ھەر قايسى خىزمەت ئورۇنلىرى ھەمدە مەكتەپلەردىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق ماس قەدەمدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر داۋام قىلماقتا ئىكەن :
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەر يىلى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلگىرىكى قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسى كۈچىنى مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي رادىكالىزىم، ۋە تېررورچىلىق دەپ ئاتىغان سىياسىي ۋە دىنىي گۇماندارلارغا زەربە بېرىشكە قاراتقان ئىدى. يېقىندا ۋاڭ لېچۇئەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتېۋېلىپ شىنجاڭدا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈردۇق، يېرىم يىل ئىچىدە ئەللىك بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردۇق دەپ" بىلدۈرگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ قېتىملىق 50 كۈنلۈك قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى ئوخشاشلا، خىتاينىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ قارىلىۋاتقان سىياسىي ۋە دىنىي گۇماندارلار بولماقتا ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىردەك، "خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىزغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈم جازالىرى كىشىلىك ھوقۇققا تەتبىقلىنىپ كەچۈرۈم قىلىنىۋاتقان پەيتتە، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەقىقىي تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئىسپاتى" دەپ بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)