ئۇيغۇر رايوندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلىغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلانغان» لىقىنى كۈچەپ بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە دوكلاتتا رايوندىكى 15 ياش ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بالىلارنىڭ 16 پىرسەنتىدە كەم قانلىق ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ نىسبەت، پۈتۈن خىتايغا سېلىشتۇرغاندىمۇ 23 پىرسەنت يۇقىرى ئىكەن. گەرچە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى كەم قان كېسەللىكىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالىلاردا 0. 11 پىرسەنت ئاشقان.

ئوزۇقلۇق سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى، تەدرىجىي ھالدا قىزىل قان دانچىسى كېمىيىپ كېتىش، قىزىل قان دانچىلىرى فۇنكسىيەسىنى يوقىتىش ئالامەتلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان كەم قان كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن.

دوكلاتنىڭ بىرىنى چاڭشا شەھىرىگە جايلاشقان جوڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شياڭيا دوختۇرخانىسىنىڭ پروفېسسورى سۇن خوڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلىغان.

ئۇ، ئۆز تەتقىقاتىغا ئاساسەن: «ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئۇ يەردىكى چوڭلار ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈنگە كەلگەن.

ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى بۇ يىل فېۋرال «ساغلاملىق يۇمشاق ئىلمى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى» نامىدا 2016-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان قەرەللىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ھاسىلاتى ئىكەن.

بۇ خىلدىكى دوكلاتنىڭ يەنە بىرى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىشىچە، رايوندىكى 7-ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدا كەم قانلىق كېسىلى بايقالغان.

مەزكۇر مەكتەپنىڭ تەتقىقاتچىسى زاكىيە نەجىم تەرىپىدىن «زامانىۋى مۇداپىئە مېدىتسىناسى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ كەم قانلىقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىدە تۆمۈر ۋە باشقا كېرەكلىك ۋىتامىنلارنىڭ كەم بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە پروفېسسورى سۇن خوڭنىڭ ماقالىسىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 2018-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە 17. 5 مىليون ئادەم ئىشتىراك قىلغان.

ھالبۇكى خەۋەردە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قانچىلىكىنىڭ 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپ» نامىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى يىغىۋېلىنغان «تۈرمە شەكىللىك يەسلى» لەردىكى بالىلارنى ئۆز‍ ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ قارانچۇقسىز قالغان 500 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەن.